Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالىڭاچ پاپوروتنىكلار
بىئولوگىيە
يالىڭاچ پاپوروتنىك ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بىرئاز ئىپتىدائىي يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، يېپىشىپ ياشايدۇ. يەر ئاستى غولى يەر باغىرلاپ ئۆسىدۇ. ئۇزۇن بولىدۇ، ئىككى ئاچىماقلىنىدۇ، پەقەت تۈكسىمان سۈمۈرگۈچى تۈزۈلۈش بىلەن يالغان يىلتىز بولىدۇ. يەر ئۈستى قىسمى تىك ياكى ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، يېشىل رەڭلىك بولىدۇ، كىچىك شاخلىرى ئۈچ قىرلىق بولۇپ، زىچ جايلاشقان ئاق رەڭلىك ھاۋا تۆشۈكى بولىدۇ. يوپۇرمىقى رۇدىمېنتلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن كىچىك، قېلىن تېرىسىمان بولىدۇ، مۈڭگۈزلۈك قەۋىتى بولىدۇ، ھاۋا تۆشۈكى بولمايدۇ، ئۈچ بۇرجەك ياكى يىڭنىسىمان بولىدۇ. سپورىلىق يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇمسىمان بولۇپ، ئىككىگە ئاچىماقلىنىدۇ. سپورا خالتىسى شارسىمان، غوزەك مېۋىسىمان بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، ئۈچ خانىلىك بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا يېرىلىدۇ. سپورىسى ئوخشاش تىپلىق بولىدۇ. ئۇ تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، يۈننەن، سىچۇەن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرگە يېپىشىپ ياكى تاش يېرىقلىرىدا ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاراققا ئىچىپ بەرسە قايرىلىپ زەخىملىنىش، ئىچكى جاراھەتتىن بولغان قان تۈكۈرۈش، نەملىكتىن بولىدىغان كۆپىيىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.