Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالىڭاچلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يالىڭاچ ھالەتكە كەلتۈرمەك، يالىڭاچ قىلماق.
بېلىقلار پۈتۈن ھاراقنى قاراقچىلارغا ئىچۈرۈپ، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلاپ، بارلىق نەرسىلەرنى كېمىگە سېلىپ مېڭىپ كېتىپتۇ.
يوپۇرماق، غازاڭلارنى چۈشۈرۈۋەتمەك.
سوغۇق، ئىزغىن شامال سارغايغان يپۇرماقلارنى ئۈزۈپ چۈشۈرۈپ، دەرەخلەرنى يالىڭاچلىماقتا ئىدى.
قىنىدىن، غىلاپتىن چىقارماق، سۇغۇرماق، ئالماق؛ بوشاتماق.
ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، قارا قۇل قىلىچنى يالىڭاچلاپ كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
بوش، قۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ بوشاتماق، قۇرۇقدىماق.
ئۇنىڭدىن كېيىن نىياز ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرىنى تىقىپ، ئەل - جامائەت ئارىسىدا رەسۋا قىلىپ، ئايرىلىدىغان چېغىدا ئۆينى سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويغان مۇتتەھەم خوتۇن - خەلچەملەر بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.