Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغاچ قۇلاق
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
گەپ ئۆتمەس، گەپ ئاڭلىماس.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قىلغان گەپنى قۇلىقىدا تۇتمايدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان، گەپ ئۆتمەيدىغان: كېتىپ بارغان چوكاننىڭ چېچى ئۇلاق ئوخشايدۇ، شەرەت قىلسام بىلمەيدۇ، ياغاچ قۇلاق ئوخشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىلغان گەپنى قۇلىقىدا تۇتمايدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان، گەپ ئۆتمەيدىغان.
ياغاچ قۇلاق بالا.
ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس (ماقال).