Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغاچ قەبرە مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى برونزا قورال دەۋرى مەدەنىيىتى. ئۆڭكۈر قەبرە مەدەنىيىتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بىر خىل مەدەنىيەت. شەرقتە ئورال دەرياسىدىن غەربتە دېنىستر دەرياسىغىچە، شىمالدا كاما دەرياسى ۋە ئۇكا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغاق تارمىقىدىن جەنۇبتا ئازوۋ دېڭىزى ۋە كاسپىي دېڭىزىغىچە، ئاسالىقى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونلىرىغا تارالغان. توپا ئورەكنىڭ ئىچىگە ياغاچ ماتېرىياللاردىن ئۇزۇن چاسا ياكى چاسا شەكىللىك تاۋۇت لەھەت ياسىلىپ، ئىچىگە تاۋۇت قويۇپ دەپنە قىلىنغان. پۇت، قوللىرىنى پۈكۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئاخىرەتلىك بۇيۇملاردىن برونزا خەنجەر، ئورغاق، سۆڭەكسىمان بىلەزۈك، ساپال بۇيۇم قاتارلىقلار بىللە كۆمۈلگەن. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق، دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، قىممەتلىك مېتاللاردىن ياسالغان بۇيۇملار تېپىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرت جايلاردىن كەلگەن بۇيۇملاردۇر.