Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغاچچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچ، تاختايلردىن ئۆينىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىرىنى ۋە ھەر خىل جاھازلارنى ياسىغۇچى.
<مۇرجاڭ> خەنزۇچە: 木匠. ئۈرۈمچى، تۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<خارەت> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ياغاچچى ئۇستا بولسا، ياغاچقا جان كىرگۈزىدۇ. نائۇستا بولسا، ياغاچنى ئوتۇن قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچتىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئۇستا.
قەدىمكى زاماندا بىر ياغاچچى بىلەن بىر تۆمۈرچى بولغانىكەن. ئۇلار بىر - بىرىنى مەنسىتمەي دائىم بەسلىشىدىكەن.
ئۇ ئوغلىنى مەھەللىدىكى بىر ياغاچچى يىگىتكە شاگىرتلىققا بەردى.