Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېنرىخ مان
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1950) گېرمانىيىلىك يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. توماس ماننىڭ ئاكىسى. ليۇبېكتىكى چوڭ سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىتابخانىدا نىمكار بولۇپ ئىشلىگەن. دەسلەپكى دەۋردىكى رومانى <ھۇرۇنلار جەننىتىدە>، <ئەخلەت پروفېسسور> ناملىق ئەسەرلىرىدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى چىرىكلەشكەن گېرمانىيە جەمئىيىتىنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئۇنى قامچىلىغان. ھېنرىخ مان 1912 - 1915 - يىللىرى <ئىمپېرىيە> ناملىق ئۈچ تىرىلوگىيىسى - <غالچا>، <نامرات> ۋە <باشلىق> ناملىق ترىلوگىيىسىنى يېزىپ چىقىپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەينى زاماندىكى ئىشچى ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاچچىق مەسخىرە قىلغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، پرۇسسىيە بەدىئىي سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئىستېپا بىرىپ، فرانسىيىگە كەتكەن. گېرمانىيىلىك باشقا ئىلغار يازغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فاشىزمغا قارشى مەدەنىيەت بىرلىك سېپى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ <ئۆچمەنلىك>، <جاسارەت> قاتارلىق توپلاملىرىدا فاشىزمغا ھۇجۇم قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىنكى مەزگىلدە يازغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ھېنرىخ Ⅳ>، <نەپەس> ناملىق رومانلىرى ۋە <بىر دەۋرگە نەزەر> ناملىق تەرجىمىھالى بار.