Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېنرىي
دۇنيا تارىخى
(1) ھېنرىي (ھۇنتىنگدونلىق، تەخمىنەن 1084 - 1155) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. 1110 - يىلى ھۇنتىنگدون (لوندوننىڭ شىمالىي قىسمىدا)نىڭ مۇئاۋىن ئېپىسكوپى بولغان. <ئەنگلىيە تارىخى> ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كائېسار دەۋرىدىن تارتىپ 1154 - يىلدىكى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅱ تەختكە چىققانغا قەدەر بولغان جەمئىي 1200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. شۇڭا بۇ، ئەنگلىيىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) ھېنرىخ (ئارسلان، 1127 - 1195) گېرمانىيە ساكسونىيە گېرتسوگى (1139 - 1180) ۋە باۋارىيە گېرتسوگى (1156 - 1180). 1147 - يىلى ئېلبا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدا ياشىغۇچى ئوبودرىتلارغا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان. 1160 - يىلى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۋالغان. 1170 - يىلى بۇ يەردە مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى بەرپا قىلغان. كېيىنمۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) غا ھەمكارلىشىپ ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىشنى رەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، 1180 - يىلى فېئودال خوجىلىق زېمىنى تارتىۋېلىنىپ، گېرمانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزاق ۋاقىت ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. (3) ھېنرىخ (دېڭىز ساياھەتچىسى، 1394 - 1460). پورتۇگالىيە شاھزادىسى، دېڭىزچىلىق مەكتىپى قۇرۇپ، دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن <دېڭىز ساياھەتچىسى> دەپ نام ئالغان، پورتۇگاللار ئۇنىڭ قوللىشى بىلەن 1433 - يىلى غەربىي ئافرىقىدىكى بولجادور تۇمشۇقى (شىمالىي كەڭلىك 26。15غا جايلاشقان) نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، مادېيرا ئاراللىرى (1456)، ئازور تاقىم ئاراللىرى (1432)، يېشىل تۇمشۇق تاقىم ئاراللىرى (1456) ھەمدە گىۋىنىيە دېڭىز بويى رايونىغا يېتىپ بارغان. 1441 - يىلى پورتۇگاللار تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقىدىن 10 نەپەر قۇل يۆتكەپ كەلگەن. ئافرىقا نىگېرلىرىغا ئېغىر بالاپىئاپەت ئېلىپ كەلگەن قۇل سودىسى شۇنىڭدىن باشلانغان. (4) پاترىك ھېنرىي (1736 - 1799). ئامېرىكا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى لىبېرالىست، ئادۋوكات. ۋىرگىنىيە شتاتىدا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا دېھقانچىلىق قىلغان، دۇكاندار بولغان، كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1760 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1765 - 1774 - يىللىرى ۋىرگىنىيە شتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولغان. 1774 - 1775 - يىللىرى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىلى بولغان. ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش داۋامىدا نۇرغۇن داڭلىق نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى <ئەركىنسىزلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق> دېگەن تەسىرلىك جۈملىسى ئومۇميۈزلۈك ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن. 1775 - 1776 - يىللىرى ۋىرگىنىيە پولكىنىڭ پولكوۋنىكى بولغان. 1776 - 1779 - يىللىرى ۋە 1784 - 1786 - يىللىرى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىياسىي جەھەتتىن مۇتەئەسسىپلىشىشكە يۈزلەنگەن. (5) ھېنرىي (ناۋاررالىق). فرانسىيە كورۇلى <ھېنرىي Ⅳ> نى كۆرسىتىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1133 - 1189) ئەنگلىيە كورۇلى (1154 - 1189)، پىلانتاگېنېت خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. ئۇنىڭ ئاتىسى فرانسىيە ئانجۇلۇق گراف گېئوفرىي (1113 - 1151)، ئانىسى ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅰ نىڭ قىزى ماتېلدا (1102 - 1167). 1150 - يىلى نورماندىيە گېرتسوگى بولغان. 1151 - يىلى ئانجۇ گراف بولغان. 1152 - يىلى قۇد چۈشۈش ئارقىلىق يەنە ئاكۋېتانىيە، پوئاتۇ، تورېن، گاسكون قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. 1153 - يىلى قوشۇن تارتىپ ئەنگلىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئەنگلىيە كورۇلى ستېفېننى ھېنرىي Ⅱ نىڭ ئەنگلىيە كورۇللۇق تەخت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلغان. ئىككىنچى يىلى ستېفېن ئۆلۈپ، ھېنرىي تاج كىيىپ ئەنگلىيە كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ زېمىنى ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن ھالقىپ، <ئانجۇ ئىمپېرىيىسى> دەپ نام ئالغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر ئۆز ئالدىغا قۇرۇۋالغان قورغانلارنى چېقىۋەتكەن؛ زور تۈركۈمدىكى ۋىلايەت ۋالىيىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىىنى قويغان، خانلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، رىتسارلار، شەھەر ئاھالىسى ۋە ئەركىن دېھقانلارنى فېئوداللارنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خانلىق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قالاق بولغان <ئىلاھ - تەقدىرى بويىچە ھۆكۈم قىلىش قانۇنى> نى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا <قەسەم قىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش قانۇنى> نى دەسسەتكەن، سەييارە سوتچىلار ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش داۋامىدا <ئورتاق قانۇن> نى راۋاجلاندۇرغان؛ ۋاقىتلىق قوراللىق رىتسارلانى يىغىۋېلىش ئورنىغا قالقان پۇلى ئېلىش، ياللانما قوشۇن ئېلىشنى دەسسەتكەن؛ چېركاۋنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەش ئۈچۈن <كلارىنتون ۋاقىتلىق ئاساسىي نىزامى> نى ئېلان قىلغان، بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان. 1171 - يىلدىن باشلاپ ئېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1491 - 1547) ئەنگلىيە تۇدور خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1509 - 1547). ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىي Ⅶ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە مۇستەبىت مۇنارخىيىلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت خەزىنىسىنىڭ مالىيە مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پاپا ئۇنىڭ خانىكە ئىسپانىيە مەلىكىسى كاتېرىنا بىلەن نىكاھتىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، 1534 - يىلى پارلامېنتقا <ھۆرمەت قانۇن لايىھىسى> نى ماقۇللىتىپ، پاپا بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا دىنىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى بەرپا قىلغان. ئەنگلىيە خىيالىي سوتسىيالىستى توماس مور ئۇنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قوشۇلمىغانلىقتىن، 1535 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 1536 - يىلى ۋە 1539 - يىللىرى ئۇدا پەرمان چىقىرىپ موناستىرلارنى تاقاپ، ئۇنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، ئارقىدىن بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىگە ئىنئام قىلىپ بەرگەن ياكى ئەرزان باھادا ئىجارىكەش يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ۋە سودىگەرلەرگە سېتىپ بەرگەن. بۇ يەرلەنىڭ كۆپ قىسمى كاپىتالىزم شەكلىدىكى ئىگىلىككە ئۆزگەرتىلىپ، دېھقانلارنى يەرلىرىنى تارتىۋېلىش جەريانىنى تېزلەتكەن. 1536 - 1537 - يىللىرى لىنكولى، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتتىكى دېھقانلار ھەمدە كاتولىك روھانىيلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ قىلغان. <ئىلتىجا قىلىپ كورۇل ھۇزۇرىغا بېرىش> قا قاراڭ.