Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېنرىي گېس
دۇنيا تارىخى
(1550 - 1588) فرانسىيە گېس گېرتسوگى. فرانسېس گېسنىڭ ئوغلى. 1572 - يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تاڭ سەھەردە، خانىكە كاتېرىنا مېدىچ بىلەن بىرلىشىپ، كاتولىك مۇرىتلىرىنى تەشكىللەپ، پارىژدا 2000 دىن كۆپرەك خۇگۇ ئېنوت مۇرىتلىرىنى قىرغىن (يەنى <سىت باتولومى پاجىئەسى>) قىلىپ، خۇگۇ ئېنوت ئۇرۇشىنىڭ (1562 - 1594) قايتا قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. 1576 - يىلى ئۇنىڭ كاتتىباشلىقىدا كاتولىك ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، ئىسپانىيە ۋە پاپاغا تايىنىپ، فرانسىيىنىڭ كورۇللۇق تەختىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅲ تەرىپىدىن ئالداپ ئۆلتۈرۈلگەن.