Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىندۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھىندىستانلىق؛ ھىندى، ھىندىستان:
قارا تۈسلۈك، قارا، گۈزەل مەھبۇبە:
قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت.
1. بارىپ ھىندۇ سارى تولا ئىستەدۈك،
قاچىپ ئالدىمىزدا مۇڭا يەتمەدۈك.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. كى قانلىق كۆڭۈلكى، خال مۇشكى نېتەڭ تەسەۋۋۇرىدىن،
گۇلى ئەۋراقىغە بۇلبۇل تىكتى كۆز يا ئوت ئارا ھىندۇ.
سەبۇرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ھىندى، ھىندىلىق كۆچمە مەنىسى: قارا تۈسلۈك؛ ھالى ھىندۇ - قارا ھال.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى <ھىندىستان> دېگەن نامنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى. <ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى> 2 - جىلدىدا ئۇچرايدۇ.