Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار پارتىيىسى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىھىندونېزىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1968 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قۇرۇلدى. ئۇلار سىياسىي پارتىيىلەرگە قاتناشمىغان تەشكىلاتلار، مەسىلەن، <مۇھەممەدىيە جەمئىيىتى> ۋە ئىشچى، دېھقان، بېلىقچى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاياللار، ئالىملار قاتارلىق كەسپىي خادىملار قاتناشقان جەمئىيەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشنى مەقسەت قىلدى. <خەلق كېڭىشىش يىغىنى> بۇ پارتىيىگە ئورۇن تەقسىم قىلىپ بەردى. 1973 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىسلام ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى، ھىندونېزىيە ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە پېرتى پارتىيىسى قاتارلىق ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى بىلەن بىرلەشتى ھەمدە <گۈللەندۈرۈش - ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى> نى قۇردى. بىرلەشكەندىن كېيىن، بۇ پارتىيە پائالىيىتىنى توختاتتى. باشقا سىياسىي پارتىيىلەر دىنىي تەشكىلات سۈپىتى بىلەن داۋاملىق پائالىيەت قىلدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.