Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھىندونېزىيىنىڭ دۆلەت قۇرۇش پرىنسىپى توغرىسىدىكى تالاش تارتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت قۇرۇش پرىنسىپى توغرىسىدا پەيدا بولغان مۇنازىرە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. زۇڭتۇڭ سوكارنو 1945 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈش كومىتېتىدا ھىندونېزىيىنىڭ مىللەتچىلىككە، ئىنسانپەرۋەرلىككە، دېموكراتىيىگە، ئىجتىمائىي ئادىلىققا ۋە خۇدا يولىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت <دۆلەت قۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى> نى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن بۇ بەش پرىنسىپ سىياسىي پارتىيىلەر بىردەك ماقۇللىغان <جاكارتا ئاساسىي قانۇن> غا ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىغا كىرگۈزۈلدى. ئاساسىي قانۇننى ماقۇللايدىغان چاغدا <ئاللا يولىغا ئېتىقاد قىلىش> دېگەن سۆز <بىر ئاللارغا ئېتىقاد قىلىش> دەپ ئۆزگەرتىلىپ، بەش پرىنسىپنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويۇلدى ھەمدە ئسىلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپى بويىچە، شەرىئەتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، دېگەن سۆز قوشۇلدى. كېيىن بۇنى سىياسىي پارتىيىلەر ھەر خىل چۈشەندى. 1955 - يىلىدىن كېيىن، ماسيۇمى پارتىيىسى باشچىلىقدىكى ھىندونېزىيە ئىسلام پارتىيىلىرى دۆلەت ئىسلام شەرىئىتىنى ئاساس قىلىشى كېرەك، دېگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى. ھىندونېزىيە 1956 - يىلى 11 - ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قانۇنن رەسمىي تۈزۈپ چىقماقچى بولدى. ئىسلام پارتىيىلىرى بىلەن باشقا سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش تۈگىمىگەنلىكتىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمىتى توختىتىپ قويۇلدى. ھىندونېزىيە ئچكى كابېنتى 1959 - يىلى 2 - ئايدا قارار ماقۇللاپ، <يېتەكچىلىكى بولغان دېموكراتىيە> نى يولغا قويدى ھەمدە 1945 - يىلىدىكى ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنغا داۋاملىق ئەمەل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇنازىرىدە ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ ۋەكىلى ھۆكۈمەتتىن <جاكارتا ئاساسىي قانۇن> ۋە ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇندىكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ يازما باياناتىدا <ئاللا يولىغا ئېتىقاد قىلىش> بىلەن <بىر ئاللاغا ئېتىقاد قىلىش> مەنىداش بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتكە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقى بىلەن ئوخشاش، دەپ ئېلان قىلىندى. شۇ يىلى 5 - ئايدا ئىسلام سىياسىي پارتىيىلىرى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئىنكار قىلدى. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى زۇڭتۇڭ سۇكارنو قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىپ، 1945 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە ئىككى تارىخىي ھۆججەتنىڭ روھىنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.