Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەرىكەت شەكلى
پسىخولوگىيە
بۇ «ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقى» نى تەشكىل قىلغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ھەرىكەت دائىرىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەرىكەتنىڭ ترايېكتورىيىسى، يەنى پۇت - قول ھەرىكىتىنىڭ ترايېكتورىيىسى يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە قارىتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت دائىرىسى دېگىنىمىز، ھەرىكەت مىقدارىنىڭ چوڭ - كىچىكلكىنى، يەنى پۇت - قول ھەرىكەتلىنىدىغان ئارىلىقنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك. دائىرىسى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ھەرىكەت يۆنىلىشى خاتا بولسا، ھەرىكەت دائىرىسى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا، ھەرىكەتتە ناتوغرىلىق سادىر بولىدۇ.