Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەرىكەت سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
(ھەرىكەتنى سېزىش) بۇ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە ھالىتىنى پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ھالىتىنىڭ مۇسكۇل، سىڭىر (تارىمۇش) ۋە بوغۇم (ئۈگە) لارغا تەسىر قىلىشى بىلەن قوزغىلىش ھاسىل بولۇپ، بۇ قوزغىلىش چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يەتكۈزۈلگەندە ھەرىكەت سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ پۈتۈن ھەرىكەت ئانالىزاتورىنىڭ بىر پۈتۈن پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ باشقا سەزگۈلەر بىلەن دائىم باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئۇ تېگىش سەزگۈسى ياكى بېسىم سەزگۈسى بىلەن باغلىنىپ، جىسىمنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقى، ئوي - چوقۇرى، سىلىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان سىلاش سەزگۈسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچكى - تاشقى مۇسكۇل ھەرىكىتى سەزگۈسى بىلەن باغلىنىپ، جىسىملار ئارىلىقىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنى، چوڭ - كىچىكلىكىنى كۆز بىلەن مۆلچەرلەش قابىلىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تىل ئورگانلىرىنىڭ مۇسكۇل ھەرىكىتى سەزگۈسى سۆزنى ئاڭلاش سەزگۈسى، خەت شەكلىنى كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن باغلىنىپ، ئىچكى نۇتۇق (تاۋۇشسىز نۇتۇق) ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىنىڭ ھەرىكەر سەزگۈسى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش جەريانىدا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مۇسكۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.