Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپورا
بىئولوگىيە
<تىنچلانغۇچى سپورا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىلئاياغ بولمىغان ۋە ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپورا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۈجەيرە پوستى ئارقىلىق ناچار مۇھىتقا قارشى تۇرىدۇ، مۇھىت ياخشىلانغاندا بىخلىنىپ يېڭى يەككە تەنگە ئايلىنىدۇ. قېلىن ۋە مۇستەھكەم ھۈجەيرە پوستى بولغان، ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپورا <قېلىن پوستلاق تىنچلانغۇچى سپورا> دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تۆت سپوراىلىق يۈسۈن قاتارلىقلار. شەكلى ئانا ھۈجەيرىسىگە ئوخشايدىغان ھەرىكەتلەنمەيدىغان سپورا <ئەجدادىغا ئوخشاش سپورا> دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كىچىك شارسىمان يۈسۈن قاتارلىقلار.