Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھازا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۇ، ئۇشبۇ: بىھازا - بۇنىڭ ئۈچۈن (كۆپلۈكى <ھۇرراس>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلۈم - يېتىمگە بىلدۈرۈلگەن قايغۇ - ھەسرەت.
ماتەمگە ماتەم كۈيىدىن باشقا ناخشا ياراشماس. ئالتە خوتۇن ھازىغا بارسا، ئۆز مۇڭىنى تۆكىشەر. قارىلىقتا قارنى ئاچقان بىلىنمەس. غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى. غەمكىن قارا كۈندە كىم ساڭا يار، خۇشال كۈنىڭدىمۇ ئۇنتۇما زىنھار. ھالال مېلىم، ئاق مېلىم، قارا كۈنگە ساقلىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەم ئۈچۈن قىلىنغان يىغا؛ يىغا - زار.
ھازا ئاچماق.
ماتەم، تەزىيە.
ھازا تۇتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم ۋاقىت، پەيت، مەزگىل (ئاساسەن <بىر> سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ بىرىككەن سۆز ياسايدۇ).
يالماۋۇز خوتۇن تەرىنى پۈرلەشتۈرگەن ھالدا، سېخىي كۆزلىرى بىلەن بىرھازاغىچە قاراپ تۇرۇپتۇ.