Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھارې ھاۋىس كۇتتىڭ قانۇنى
دۇنيا تارىخى
يەنە <فىىپپىننىڭ >مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇشى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھارې، كېەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھاۋېس ۋە كۇتتىڭلار ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاrنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1933-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان، بۇ قانۇن نامدا فىلىپپىنغا 10 يىلدىن كېيىن <مۇستەقىللىك> بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ماھىيەتتە فىلىپپىن كۆچمەنلىرىنى چەكلەش، فىلىپپىننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. شۇ يىلى 10-ئايدا بۇ قانۇن لايىھىسى فىلىپپىن كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. كۇئېزون زۇڭتۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىپ، يېڭى مۇستەقىللىك قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. 1943-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن <تيدىنەس - مىكدۇففې قانۇنى> نى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى قانۇن لايىھىسىدە بەزى مۇھىم بولمىغان سۆزلەردىكى ئوخشىماسلىقتىن باشقا، ماھىيەت جەھەتتە ھېچقانداق پەرق يوق.