Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھازىر
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
سۆز بولۇۋاتقان چاغ.
ھازىچە، ھازىرغىچە، ھازىرقى. * ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل. * ھازىر جاۋاب. * ھازىر بارىمەن، ساقلاپ تۇرۇڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تەييار.
ھازىرلىق، ھازىر بولماق، ھازىر قىلماق. * سەپەرگە ھازىرلانماق، ئىمتىھانغا ھازىرلانماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شۇ پەيت، شۇ ۋاقىت:
تەييار:
مەۋجۇت، پەيدا:
1. بۇ مەجلىسىدە ھازىر بار ئېردى ۋەزىر،
كى قىلماي بۇ ئايغان سۆزۈمنى پەزىر.
ئا. نىزارى.
2. مۇلازىمغە دېدىم چاچىپ ئاندا پەت،
ئوشۇل يات كىشىنى ماڭا ھازىر ئەت.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
3. كۆزۈمدىن غايىبۇ كۆڭلۈمدە ھازىر ياد ئەيلەرمەن،
ئانىڭ يادى بىلە خۇرشىد كۆڭۈلنى شاد ئەيلەرمەن.
موللا سالېھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز بولۇۋاتقان چاغ
تالاي <ئۆتمۈش> لەر <ھازىر> نى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ تالاي <كېلەچەك> لە <ھازىر> دىن باشلىنىدۇ. مەنسەپ سوراپ كاتتىلارغا باردىم، ئۇلۇغلارغا باردىم، ئەمدى كىمگە باراي. ئەمدىلىكتە ئۈمىدىم ئۈزۈلدى، قولۇق قىسقاردى، بىراق كۆزۈم روشەنلەشتى، ئاق - قارىنى بىلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرىشكە تەييار.
مانا، مەن ھازىر!
پەيدا، مەۋجۇت، بار.
شۇ كۈنى قارلىغاچ ۋىچىرلىغاندا ئوردىدا مەنمۇ بار ئىدىم.
نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن، ئالدىن؛ يېقىندا.
بۇ ئىشنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە ھازىربىر يىل بولدى.
نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن، ئالدىن؛ يېقىندا.
بۇ ئىشنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە ھازىر بىر يىل بولدى.
نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتىن سەل كېيىن.
مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن.
مۇشۇ كۈنلەردە، مۇشۇ ۋاقىتلاردا.
ھازىر جاھاننىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.