دائىرە: گىئولوگىيەگېئولوگىيىدىكى ئومۇمىي تارماق پەن. ئۇ چوڭ تىپتىكى يەر پوستىدىن تارتىپ، پۈتۈن يەر شارى تۈزۈلمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يېتىلىشى، رايون دائىرىلىك تۈزۈلمىنىڭ بىرىكىشى ياكى شەكىل ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتى، جايلىشىشى، ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى شۇنىڭدەك مۇشۇ تۈزۈلمىنى پەيدا قىلىدىغان يەر پوستى ھەرىكىتى بىلەن كۈچ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.