Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېئورگىئو دېچ
دۇنيا تارىخى
(1901 - 1965) رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى رەھبىرى. ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930 - يلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1932 - يىلى تۆمۈريول ئىشچىلىرى مەركىزىي ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ سىكرىتارى بولغان. 1933 - يىل قولغا ئېلىنىپ، ھەربىي سوت تەرىپىدىن 12 يىللىق ئېغىر ئەمگەككە ھۆكۈم قىلىنغان. 1934 - يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سىرتتىن سايلانغان. 1944 - يىلى 8 - ئايدا تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، خەلقنىڭ گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ۋە ئانتونېسىكۇ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1945 - يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1948 - يىلى رومىنىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قوشۇلۇپ، رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى بولغاندىن كېيىن باش سېكرىتار بولغان. 1952 - 1955 - يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1965 - 1955 - يىللىرى رومىنىيە ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سىكرىتارى بولغان. 1961 - 1965 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.