Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېئورگې مونك
دۇنيا تارىخى
(1608 - 1670) ئەنگلىيە گېنېرالى. 1642 - يىلى، ئەنگلىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە كورۇل تەرەپدارلىرى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان، 1644 - يىلى پارلامېنت قوشۇنىغا ئەسىر چۈشۈپ پارلامېنتقا تەسلىم بولغان. كېيىن ئىرلاندىيە قوزغىلىڭى ۋە شوتلاندىيە كورۇل تەرەپدارلىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، بارا - بارا كرومۋېلنىڭ ئېتىبارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن. 1652 - يىلى گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1654 - يىلى شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. كرومۋېل ئۆلگەندىن كېيىن، 1660 - يىلنىڭ بېشىدا قوشۇن باشلاپ، شوتلاندىيىدىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ،لوندوننى ئىگىلەپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ستۇئارت سۇلالىسىدىن چارلېس Ⅱ نىڭ تىرىلدۈرىشىنى قوللىغان. كېيىن ئالبىمال كىنەزى، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ زوراغاسى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.