Uyghurئاساسىي لۇغەت
گونزالېس مارتىنېس
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1952) مېكسىكىلىق شائىر. يېزىدا 17 يىل تىبابەتچىلىك قىلغان. 1911 - يىلى مېكسىكا ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. ئارگېنتىنا، چىلى ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان. (1920 - 1931). ياش ۋاقتىدا مۇدېرنىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىنكى مەزگىللەردە مىستىتىزملىققا ئۆتۈپ كەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مۇقەددىمە>، <يوشۇرۇن چېغىر يول>، <ئاققۇنىڭ ئۆلۈمى>، <ئوت دېڭىزى>، <بابېر>، <خاتىرجەم ساراڭ> ۋە <يېڭى نارشىسو> قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.