Uyghurئاساسىي لۇغەت
گونچاروۋ
دۇنيا تارىخى
(1812 - 1891) روسىيىلىك يازغۇچى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1834 - يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇزاققىچە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان. يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان. 1835 - يىلى ئەدەبىيات پائالىيىتىنى باشلىغان. 1847 - يىلى <خاسىيەتلىك ۋەقە> دېگەن روماننى ئېلان قىلىپ، بىر ئاقسۆڭەك ياشنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ فېئودال يانچىلىق تۈزمىدىن كاپىتالىزمغا ئۆتۈشتەك جىددىي ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، 1859 - يىلى ۋەكىللىك ئەسىرى - <ئابراموۋ> دېگەن روماننى يېزىپ، يالغانچىلىق تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشنىڭ ھارپىسىدىكى گالۋاڭ، ئېزىلەڭگۈ، بىكار تەلەپ پومىشچىكلار سىنىپى پارازىتلىرىنىڭ تىپىنى ياراتقان. يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىدىيىسى بارغانسېرى كونسىرۋاتىپلىشىپ، 1869 - يىلى <تىك يار> دېگەن ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلغار جەمئىيەت پىكىرىنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىغان. يەنە <باردا ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى> دېگەن ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان.