Uyghurئاساسىي لۇغەت
گونسالۋېس دىياس
دۇنيا تارىخى
(1823 - 1864) برازىلىيىلىك شائىر. دراماتورگ. برازىلىيىنىڭ مارانىئودا تۇغۇلغان. ئىندىئان، نېگىر ۋە پورتۇگاللارنىڭ قېنىدىن بولغان دەپ ئاتالغان. پورتۇگالىيىدىكى كوئىمبرا ئۇنىۋېرسىتىتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. 1845 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ رىيئۇدې - ژانېيرودىكى پېدرو Ⅱ ئىنسىتىتۇتىنىڭ لاتىن تىلى ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، كېيىن كېمە سۇغا چۆكۈپ كېتىپ قازاغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ <تاميۇلار ناخشىسى>، <ئايال قۇل>، <موناخ ئانىتاننىڭ ئالتە مىسرالىق شېئىرى> ناملىق ئەسەرلىرىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىندىئانلار، نېگىرلار، پورتۇگاللارنى باش قەھرىمان قىلغان. برازىلىيە رومانتىزم ئېقىمىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن: <تىمبىرالار> ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ناخشىلار توپلىمى>، <لېئونول - دېمىندوسا> ناملىق درامىسى قاتارلىقلار بار.