Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىللېرۇپ
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1919) دانىيىلىك يازغۇچى. دەسلەپتە كوپېنھاگېن ئونىۋېرسىتېتىدا تېنولوگىيە ئۆگەنگەن، كېيىن شۋېتسارىيە ۋە گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇقۇغان. 1892 - يىلدىن باشلاپ ئۇزۇن ۋاقىت گېرمانىيىدىكى درېزدېندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەسەرلىرىنى ئاساسەن نېمىس تىلىدا يازغان. دەسلەپتە ناتۇرالىزمغا مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن غايىۋىلىككە ئۆتكەن. بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىر مەزگىل خرىستىئان دىنى بىلەن ئادا - جۇدا بولغان. 1917 - يىلى پونتوپپىدان بىلەن بىللە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، <ھەج قىلغۇچى كامانىدا>، <دۇنيانى كەزگۈچى>، <تۇرمۇش يولى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.