Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
رەنجىش، خاپا، خاپا بولۇش؛ غەيۋەت - شىكايەت:
قىلىپ بىر كۈنى ئول ئىستەمگەر گىلە،
ياتار ئېردىم ئول كۈن ھەرىمىم بىلە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كىم گۇنە قىلسە قەزا چەندان كېلۇر،
كىم گىلە قىلسە قەزا چەندان كېلۇر.
خەراباتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شىكايەت، ئەرز؛ تەنە، ئاچچىقلىماق؛ ئەيىبلىمەك، جىمىلىمەك.