Uyghurئاساسىي لۇغەت
فۇتىئۇس
دۇنيا تارىخى
(820 - 891)ۋىزانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى كونىستانتىنوپول پاترىئارخى (858 - 867، 877 - 886)، ئالىمى. كونىستانتىنوپولدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پادىشاھ مىخائېل Ⅱنىڭ ۋەزىرى بولغان. مىلادى 858 - يىلى پاترىئارخ بولغاندىن كېيىن، مۇقەددەس بۇتنى بۇزۇش ھەرىكتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ۋە يائۇلچىلارغا قارشى تۇرغان، رىم پاپاسى بىلەن قارشىلاشقان. كونىستانتىنوپولنىڭ پاترىئارخى باشچىلىقىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان،قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنى توپلاشقا تىرىشقان. <كىتابلاردىن ئۈزۈندىلەر> ناملىق كىتابقا قەدىمكى زامان ئەسەرلىردىن 280 نەچچە خىل كىرگۈزۈلۈپ، قەدىمكى زامان ئەسەرلىرىنىڭ بىرمۇنچىسى زامانىمىزغىچە يېىتپ كەلگەن.