Uyghurئاساسىي لۇغەت
فۇجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
فۇجۇ چىن سۇلالىسى دەۋرىدە فۇجيەننىڭ پادىشاھقا قاراشلىق جايى قىلىنغان، كېيىن ئىزچىل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ئىككى قېتىم ۋاقىتلىق پايتەخت بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا فۇجۇدا تاشقى سودا راۋاج تاپقان، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كېمىسازلىق مەركىزى بولۇپ، يېقىنقى زاماندا «بەش سودا ئېغىزى»نىڭ بىرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ سېپىل - خەندەكلەر بىلەن ئورالغان، جىن، تاڭ، بەش دەۋر، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە بىرنەچچە قېتىم كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى شەھەر رايونىنىڭ ئۈچ تاغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، ئىككى مۇنار بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ھالىتىگە ئاساس سېلىنغان. شەھەر رايونىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەردىن: سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇالىن ئىبادەتخانىسى قەسرى، چۇڭفۇ ساڭرامى، ۋۇتا مۇنارى، بەيما (ئاق ئات) مۇنارى، چىگۇڭ ئىبادەتخانىسى، كەييۇەن ساڭرامى قاتارلىقلار بار. شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى گۇشەن تېغىدا يۇڭچۇەن ئىبادەتخانىسى ۋە نەچچە دەۋردىكى قىيا تاش ئويمىلار بار. يەنە ۋاڭ شېنجى قەبرىسى، لىن زېشۈي ئىبادەتخانىسى ۋە قەبرىسى، لىن شياڭچيەن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. شەھەر رايونىدىكى سەنفاڭچى كوچىسىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۇقرالار تۇرالغۇلىرى كۆپ.