Uyghurئاساسىي لۇغەت
فۇجىتا ئازوما مىزۇئومى
دۇنيا تارىخى
(1806 - 1855) ياپونىيىنىڭ مىتو ۋاسساللىقىدىكى ئالىم. ئۇنىڭ ئاتىسى يوگو <بۈيۈك ياپونىيە تارىخى>نى تۈزۈش ئورنىنىڭ لىدىرى بولغان. ئەسلى ئىسمى تاكېكى، باشقا ئىسمى سېنوشىن، تەخەللۇسى ئازۇما مىزۇئومى. 1827 - يىلى (ۋىنجىڭنىڭ 10 - يىلى) تارىخ تۈزۈش ئورنىد ئىشلىگەن. 1829 - يىلى مۇۋەققەت لىدىرى بولغان. ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئاساسىي خادىمى بولۇپ، مۇتەئەسسىپلەر بىلەن قارشىلاشقان. توكۇگاۋا نارىئاكى (1800 - 1860) نىڭ ۋاسسال بېگى بولۇشنى ھىمايە قىلىپ، ۋاسسال ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1844 - يىلى (تيەنباۋنىڭ 15 - يىلى) ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان. 1849 - يىلى (جيايۇڭنىڭ 2 - يىلى)خاشىموتوساناي، توكوي ئوكۇسۇ (1809 - 1869)، سايگو تاكامۇرى قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1855 - يىلى (ئەنجىڭنىڭ 2 - يىلى) ئىيېددودا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە ئۆلۈپ كەتكەن. <خۇڭدا ۋە گۈەن خاتىرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بولۇپ، <ئازۇما مىزۇئومى ئەسەرلىرى> گە كىرگۈزۈلگەن.