Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانسىيەنىڭ 1875 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
法国一八七五年宪法
fǎ guó yī bā qī wǔ nián xiàn fǎ
<فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىر قاتار قانۇنلاردىن تەركىب تاپقان (تېيېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى ماقۇللانغان <زۇڭتۇڭ ھوقۇقى قانۇنى>، 1875 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ماقۇللانغان <كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى>، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ماقۇللانغان <دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگىنىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى>قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاساسىي قانۇندا، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ۋاسىتىلىك سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ؛ ئاۋام پالاتاسىنىڭ قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ مەمۇرىي ھوقۇق ئىككى پالاتانىڭ بىرلەشمە سايلىمى ئارقىلىق سايلىنىپ چىققان زۇڭتۇڭنىڭ قولىدا بولىدۇ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەتتە يىل بولۇپ،داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ؛ زۇڭتۇڭ ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە مەمۇرىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ؛ زۇڭتۇڭ ھەمدە ئىككى پالاتا قانۇن ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقىغائىگە، زۇڭتۇڭنىڭ كېچىكتۈرۈش، كەچۈرۈم قىلىش، مۇددەتتىن بۇرۇن پارلامېنت يىغىنى چاقىرىش ياكى يىغىننى يېپىشنى كەينىگە تارتىش ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ زۇڭتۇڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش ۋەقەسىگىلا جاۋابكار بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتتىن قالدۇرۇلمايدۇ؛ مىنىستىرلار ئىككى پالاتا ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، پارلامېنت ئىشەنمەسلىك ئاۋازنى بېرىش ئارقىلىق ئىچكى كابېنتنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبورلاشقا بولىدۇ؛ زۇڭتۇڭ تەيىنلەنگەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى مەسلىھەت قىلىش فونكىسىيىسىنى ئىجراقىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. 1884 - يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ <ھۆكۈمەتنىڭ جۇمھۇرىيەت شەكلى تەكلىپ بېرىپ ئۆزگەرتىلىدىغان ئوبيېكتىپ قىلىنمايدۇ>. <فرانسىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جەمەت ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانمايدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.