Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانسىيەنىڭ 1830 - يىلىدىكى نىزامنامىسى
دۇنيا تارىخى
法国一八三0年宪章
fǎ guó yī bā sān 0nián xiàn zhāng
فرانسىيە ئىيۇل سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئاساسىي قانۇن. 1830 - يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ماقۇللانغان، مەزمونى <1814 - يىلىدىكى نىزامنامە> گە ئوخشاش، لېكىن بىرقانچە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن: <1814 - يىلدىكى نىزامنامە>نىڭ <ئىلتىپات قىلىش> ھەققىدىكى مۇقەددىمىنى چىقىرىۋەتكەن؛ كورۇل مەمۇرىي ھوقۇققىلا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇن بېكىتىش ۋە ئارقىغا تارتىش ھوقۇقى بىكار قىلىنغان؛ قانۇن بېكىتىش ھوقۇقى ئىككى پالاتالىق تۈزۈمدىكى پارلامېنتقا مەنسۇپ بولغان. ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن؛ سايلام ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدا ياش ئۆلىچمى ۋە مال - مۈلۈك سالاھىيىتى تۆۋەنلىتىلگەن. ئەينى چاغدا فرانسىيىدىكى 34 مىليون ئاھالىدىن 522 مىڭ كىشىلا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نامىغا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان؛ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەنئى قىلىنغان.