Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانسىيەنىڭ 1848 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
法国一八四八年宪法
fǎ guó yī bā sì bā nián xiàn fǎ
فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى ئاساسىي قانۇن. 1848 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئاساسىي قانۇن فرانسىيەنىڭ دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان شۇنڭدەك ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ سۆزلەش، مەتبۇئات، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە مۇراجىئەت قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، تولۇقسىز مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە ياردەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. قانۇن بېكىتىش ھوقۇقى بىر پالاتالىق تۈزۈمىدىكى قانۇن بېكىتىش پارلامېنتقا مەنسۇپ بولغان؛ پارلامېنت ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزگەن، پارلامېنت ئەزالىرى 21 ياشقا تولغان، ئۆز رايونىدا ئولتۇراقلاشقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ئەرلەر بىۋاستە، يوشۇرۇن ۋە ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەمۇرىي ھوقۇق ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق سايلاپ چىققان زۇڭتۇڭغا مەنسۇپ بولغان؛ زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، ئاساسىي قانۇن ھوقۇقىنى بۆلۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن قانۇن چىقىرىش ۋە مەمۇرىي ھوقۇق دائىرىسىنى قاتتىق ئايرىغانپ زۇڭتۇڭنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنى تارقىتىۋېتىش ۋە پارلامېنتنىڭ قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى زۇڭتۇڭنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكىمۇ بولمىغان، مەزكۇر ئاساسىي قانۇن 1851 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى لۇئى بوناپارتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقى سەۋەبىىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.