Uyghurئاساسىي لۇغەت
فورمۇلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماتېماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن يېزىلغان ئىپادىسى.
ئالگېبرايىك فورمۇلا. راتسىئونال ئىپادە، ئارىفمېتىكىلىق ئىپادە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>مات< بىر قانچە مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادە. مەسىلەن، ئىككى ساننىڭ يىغىندىسى S، ئايرىمىسى d بولسا، بۇ ئىككى ساننى تېپىش فورمۇلىسى مۇنداق بولىدۇ: چوڭ سان 1/2(s+d)ياكى كىچىك سان1/2(s-d)
>خىم< ماددىلار سوستاۋىنىڭ خىمىيۋى بەلگە ياكى كوئېففىتسېنتلار ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادىسى.
سۇنىڭ فورمۇلىسى. سۇلفات كىسلاتاسىنىڭ فورمۇلىسى.