Uyghurئاساسىي لۇغەت
فورما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر شەيئىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، تۈزۈلۈشى.
قوغدىنىشنىڭ ئەپلىك شەكلى _ ھۇجۇم. فورما مەزمۇنغا بېقىنىدۇ. بۇ تەرز بىزگە لايىق ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت، بولۇپمۇ كىيىم - كېچەكنىڭ كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان شەكلى.
مودا قوغلىشىش بىر خىل يامان ئادەت، چۈنكى مودا قوغلاشقۇچىلارنىڭ جامالى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. دوكلاتتىن كېيىن، <كۆپچىلىككە رەھمەت> دېيىش ھازىر خېلى مودا بولۇپ قالدى. جىلىتكەڭنىڭ فورمىسىنى ئېلۋالسام، بېرىپ تۇرساڭ. يېپى پاسوندا كۆڭلەك كىيگەن بىر قىز كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتاتتى. بۇ چاپاننىڭ ياڭزىسى خېلى ياخشى ئىكەن. يىراق يەرنىڭ گېپى ھەر ياڭزا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بىرەر نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، نۇسخىسى، پاسونى.
ئۇ شەھەر فورمىسىدا سېلىنغان كۆك دەرۋازىلىق يوغان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
مەلۇم بىر ساھەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تىكىلگەن، تىكىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىلىرى ئوخشاش بولغان كىيىم.
جەڭچىنىڭ ھەربىي فورمىسىغا ئىچى كۆيەتتى.