Uyghurئاساسىي لۇغەت
فېنولوگىيە
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكەت ھادىسىلىرى بىلەن پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. مەسىلەن: ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىشلىق بىخنىڭ بىخلىنىشى، يوپۇرماق چىقىرىشى، چېچەكلىشى، مېۋە بېرىشى ۋە يوپۇرماق چۈشۈشنىڭ كۈن تەرتىپىنى؛ ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىش ئويغىنىش، جۈپلىشىش، كۆپىيىش، تۈك تاشلاش، پەي ئالماشتۇرۇش ۋە كۆچۈش كۈن تەرتىپى بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىدۇ. ئۇ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا بەلگىلىك يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە باغلىق ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.