Uyghurئاساسىي لۇغەت
فېنىن ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن تارتىپ، ئىرلاندىيىدە بارلىققا كەلگەن ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت. فېنىن جەمئىيىىنى يادرو قىلغانلىقتىن فېنىن ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت قىلغان. ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، چوڭ پومىشچىك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، مۇستەقىل ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيتىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. فېنىن جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 1866 - ۋە 1870 - يىللىرى ئىككى قېىتم ئامېرىكىدىن كاناداغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، خەلقئارالىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىرلاندىيەنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت - شارائىت يارىتىشقا ئۇرۇنغان. 1867 - يلى 3 - ئايدا ئىرلاندىيە قوراللىق قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭنىڭ كۆپ قىسىم رەھبەرلىرى مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۈچ نەپەر قوزغىلاڭچى دارغا ئېسىلغان، كىشىلەر بۇنى <مانچېستېردىكى ئۈچ شېھىد> دەپ ئاتىغان. بۇ ھەرىكەت دېھقانلار ۋە شەھەر - بازارلاردىكى ئاددىي خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەنگلىيە ئشچىلىرىنڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالمۇ ھەرقايسى ئەللەر پرولېتارىياتلىرىنى فېنىن ھەرىكىتىنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن كېيىن ھەرىكەت پەيدىنپەت پەسىيىشكە قاراپ ماڭغان.