Uyghurئاساسىي لۇغەت
فېنىكىيە
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن ھازىرقى سۈرىيە ۋە لىۋاننىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئۇنى <فېنىخ> دەپ ئاتىغان، گرېكلەر فېنىكىيە دەپ ئاتىغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەنىسى <جىگەررەڭ مەملىكەت> (چۈنكى ئۇنىدىن ئالاھىدە مەھسۇلات - جىگەر رەڭ بوياق چىقىدىكەن) دېگەن بولىدىكەن. فېنىكىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ھۇرتلار بولۇپ، مىلاىدىن 3000 يىل ئىلگىرى سەمىتلەرنىڭ بىر تارمىقى بولغان كەنئانلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى دېڭىز ياقىسىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى بىرقانچە شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراقلىرى شىمالدىن جەنۇبقا ئۇگارىت، بىبىل، سىدون ۋە تىرلاردىن ئىبارەت بولغان. ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرنىڭ ئارىسىدا دائىم ئۇرۇش بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنمىگەن.تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 15 - ئەسىرلەردە مىسىر يېڭى پادىشاھلىقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە مىسىر بىلەن ھىتت ئوتتۇرىسىدا تالىشىش ئوبيېكتى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200 ئىلگىرى يىللار ئۆپچۆرىسىدە، دائىم <دېڭىزدىكى مىللەت>نى تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردە ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، بولۇپمۇ تىر بىلەن سىدون ئەڭ كۈچەيگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئاسسۇرىيە ۋە يېڭى بابىلونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە پېرسىيە تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ماكېدونىيە ۋە رىمغا قارام بولغان. فېنىكىيىنىڭ شەھەرلىرىدە قول سانائەت، سودا ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى، ئەينەك بۇيۇملار، ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە جىگەر رەڭ بوياق ماتېرىيالى قاتارلىقلار ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى جايلاردا سېتىلغان. فېنىكىيىلىكلەر سودىگەرچىلىك، دېڭىزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك بىلەن مەشھۇر بولغان، شۇنداقلا ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، كىشىلەرنى بۇلاپ قۇل قىلىپ ساتقان. ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھازىرقى سىتسىلىيە ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى، فرانسىيە، ئىسپانىيە (گېبېرالتار بوغۇزىدىن چىقىپ) ۋە شىمالىي ئافرىقىلارغىچە يەتكەن؛ ئۇلار قۇرغان مۇستەملىكىلەر ئىچىدە، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تىر تەرىپىدىن بىنا قىلغان كارفاگېن (ھازىرقى تۇنېستا) ئەڭ چوڭ ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا فېنىكىيىلىكلەر غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى يۇنانلىقلار بىلەن كەسكىن رىقابەت ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ( ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ بېشىدا) مىسىر فىرئەۋىنى نېخو فېنىكىيىلىك ماتروسلارنى ياللاپ، تارىختا تۇنجى قېتىملىق ئافرىقىنى ئايلىنىش دېڭىز سەپىرىنى ئورۇندىغان. فېنىكىيىلىكلەر مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىلەن مېسوپوتامىيە ۋادىسىىڭ مىخ يېزىقىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ،تەخمىنەن مىلاىدىن ئىلگىرىكى 13 - ئەسىردە جەمئىي 22 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىدىن تەركىپ تاپقان يېزىق سىستېمىسىنى ئىجاد قىلغان. فېنىكىيە ھەرپلىرى قەدىمكى گرېك ھەرپلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن، گرېك ھەرپلىرىدىن لاتىن ھەرپلىرى ۋە سلاۋىيان ھەرپلىرى ھاسىل بولغان، شۇڭا ئۇ غەربنىڭ ئاساسىي يېزىق سىستېمىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقتە، فېنىكىيە ھەرپلىرى ئارامېيان ھەرپلىرى ۋە ھىندى ھەرپلىرى، ئەرەب ھەرپلىرى قاتارلىقلارغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. <فېنىكىيە ھەرپلىرى> گە قاراڭ.