Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
خىل، نەۋئى
تۈرلۈك _ تۈرلۈك.* دۇكانغا ھەر خىل _ ھەر تۈردىكى ماللار سېلىندى.* زاۋۇت مەھسۇلات تۈرلىرىنى كۆپەيتتى.* ئېغىز ئاچماسلىق جاۋابنىڭ بىر تۈرى ( ماقال ).* تەلۋىنىڭ ئىككى مىڭ تۈرى بار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۈرمەك، تۈرۈش. 1. ئورىماق، يۆگىمەك.
يەڭنى تۈرمەك.* پۇچقاقنى تۈرمەك.* يىپنى تۈرمەك.* قورسىقى توق، قازاننى كۆرسە تامىقىنى تۈرەر ( ماقال ).
2. چىراي، يۈزلىرىنىڭ تېرىلىرىنى پۈرۈشتۈرمەك. قاپىقىنى تۈرمەك.* تەرىنى تۈرمەك.* قوشۇمىسىنى تۈرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانات ۋە ئومۇمەن شەيئىلەرنىڭ تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئايرىمىسى بويىچە بۆلۈنۈشى.
ئادەم خىلى بىلەن، ھايۋان تۈرى بىلەن. ماللارنىڭ يېڭى _ يېڭى تۈرلىرى چىقتى. قايسى خىلى مۇۋاپىق، ئۆزۈڭ تاللا. ھايۋانلارنى، ناباتاتلارنى چاڭلاشتۇرۇشتىن يېڭى نەۋئىيلەر پەيدا بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى بىر خىلى
خەلق قوشاقلىرىنىڭ ۋارىيانتى كۆپ.
بىئولوگىيە
ئورتاق ئەجدادىن كەلگەن بەلگىلىك مورفولوگىيە، فىزىئولوگىيە ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەمدە بەلگىلىك تەبىئىي تارقىلىش رايونىدا ياشايدىغان جانلىقلار يەككە تەن توپى. تۈر ئىچىدىكى يەككە تەنلەر ئۆز ئارا ئەركىن چېتىشىپ نورمال يېتىلىدىغان ئەۋلاد ھاسىل قىلالايدۇ. ئوخشاشمايدىغان تۈرلەر ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە ئەركىن چېتىشىش بولمايدۇ ياكى چېتىشقاندىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ. مەسىلەن: ئەرەب ئېتى بىلەن موڭغۇل ئېتى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي چېتىشىش يوشۇرۇن كۈچى بولۇپ، ئۇلار چېتىشقاندىن كېيىن نورمال يېتىلىدىغان ئەۋلاد ھاسىل قىلالايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوخشاش تۈر - ئات (Equus caballus) قا كىرىدۇ. كالا بىلەن سۇ كالىسى ئادەتتە تەبىئىي چېتىشالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تۈرگە كىرىدۇ. ئات بىلەن ئېشەك گەرچە چېتىشالىسىمۇ، بىراق تۇغۇلغان بالىسى - قېچىرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تۈر دەپ قارىلىدۇ. تۈر جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىرلىكى، شۇنداقلا جانلىقلار كلاسسىفىكاتسىيىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. جانلىقلارنىڭ ھەر بىر تۈرى بىر نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە ئىرسىيەت سىستېمىسى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك تاللاشنىڭ مۇستەقىل مەھسۇلاتى، ئۇ باشقا تۈرلەردىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. بىراق ئۇ يەنىلا تەرەققىي قىلىدۇ. بىر تۈر ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت ۋە تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ، باشقا بىر يېڭى تۈرگە ئايلىنىدۇ. ھازىر يەر شارىدا بار بولغان كۆپلىگەن تۈرلەر ئورتاق ئەجدادىدىن ئۇزۇن يىللار ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۈرلۈك، تۈر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بەلگىلىرى، خۇسۇسىيەتلىرى، رولى جەھەتتىن مەلۇم ئومۇملۇققا ئىگە بولغان نەرسىلەر گۇرۇپپىسى، ئايرىمىسى.
- شۇنداق، - دېدى گېپىنى داۋام قىلىپ چوڭ كۆزەينەك، - كۆزەينەكلەرنڭ تۈرى بەك كۆپ، سەن بىلمەيسەن.
بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىك، پەرق جەھەتتىن ئايرىلغان، بۆلۈنگەن بۆلۈنمىسى.
مەھسۇلات تۈرلىرى. ئالماش ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى.
ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى <- دە> بىلەن كېلىپ، ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت، يۈرۈش - تۇرۇشنىڭ مەلۇم <رەۋىشتە>، <تەرىزدە>، <ھالەتتە> ئېلىپ بېرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
زىيالىيلار سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە تېرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم.