Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈر توپى
بىئولوگىيە
<توپ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوخشاش بىر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا تارقالغان، ئەركىن چېتىشىپ كۆپىيدىغان، ئوخشاش تۈرگە كىرىدىغان ئوخشاش بىر توپ يەككە تەن. يەنى بەلگىلىك رايوندىكى ئوخشاش تۈرگە كىرىدىغان يەككە تەنلەر يىغىنىدىسى. مەسىلەن، مەلۇم تاغقا تارقالغان جۇڭگو قىزىل قارىغىيى توپى. مەلۇم بىر كۆلچەكتىكى لەش قاتارلىقلار. تۈر توپى بەلگىلىك بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ. تۈر توپى ئىچىدىكى يەككە تەنلەر بىرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇقتا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، ئۆلىدۇ، قوشۇلىدۇ ۋە كۆچىدۇ. بىراق تۈر توپى پۈتۈنلۈكى نىسپىي ھالدا مۇقىم بولىدۇ. تۈر توپىدا يەككە تەنلەر ئوخشاش ئالاھىدىلىك (مەسىلەن، ئۆسۈش، ئۆلۈش قاتارلىق) كە ئىگە بولۇشتىن باشقا، يەنە يەككە تەندە بولمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. مەسىلە، زىچلىق دەرىجىسى، تۇغۇلۇش ئۈنۈمى، ئۆلۈمى، جىنىس نىسبىتى، ياش تۈزۈلۈشى، بوشلۇققا تارقىلىش فورمۇلىسى، تۈر توپ سانىنىڭ ئۆزگىرىشى، تىزگىنلەش ۋە تەڭشەش قاتارلىقلار. تۈر توپى ھالىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللارنى ئىگىلەش، جانلىقلار جانلىقلارنى تىزگىنلەش، تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مېخانىزمىنى ئېچىش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم.