Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈرك
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈرك.
تەڭرى يارلىقىغۇچى نوھنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى. بۇ _ نوھنىڭ ئوغلى تۈرككە تەڭرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم. ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ «تۈرك» دەپ ئاتىلىدۇ. تەڭرىنىڭ «» ئايىتىدە «» سۆزى «بىرلا ئادەم» نى بىلدۈرۈپ كەلگەن. «» ئايىتىدە بولسا، «» سۆزى «كۆپ ئادەم» نى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇ يەردە ئىستىسنا بار، پەقەت كۆپلۈكتىنلا ئىستىسنا قىلىش مۇمكىن. «تۈرك» سۆزى نوھ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە، بىرلا كىشىنى بىلدۈرىدۇ. نوھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە، « _ ئادىمىزات» سۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار توپىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ھەم بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: «رۇم» سۆزى تەڭرى يارلىقىغۇچى ئىسھاقنىڭ ئوغلى ئىسۇغا ۋە ئىسۇ ئوغلى رۇمغا ئىسىم بولغىنىدەك، رۇم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ. «تۈرك» سۆزىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق.
بىز «تۈرك دېگەن ئىسىمنى ئۇلۇغ تەڭرى ئۆزى قويغان» دېدۇق. چۈنكى _ قەشقەرلىق خەلەف ئوغلى تەقۋادار ئىمام ئۇستاش ھۈسەيىننىڭ «» دېگەن ئادەمدىن ئاڭلاپ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، «» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان _ جەرجەرالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: « _ ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن».
بۇ ھالئۇلارنىڭباشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي - ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان - ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاچان كۆرسە ئانى تۈرك
بوزۇن ئانغا ئانىڭ ئايداچى
مۇڭار تەگىر ئۇلۇغلۇق
مۇندا نەرۈ كەسلىنۈر
{قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،
خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ:
بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،
بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.}
بىر كىشىنى ماختاپ شۇنداق دېيىلگەن: ئەگەر ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا، خەلق جەزمەن «ئۇلۇغلۇق، ياخشىلىق بۇ ئادەمگە يارىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغا ئاشمايدۇ» دەيدۇ.
«تۈرك» سۆزى بىرلىك ۋە كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: « كىم سەن _ كىم سەن؟» دېگۈچىگە « تۈرك مەن _ تۈرك مەن» دەپ جاۋاب بەرسە، بۇ بىرلىك بولىدۇ. « تۈرك سۈسى ئاتلاندى _ تۈرك قوشۇنى ئاتلاندى» دېيىلگەندە، كۆپلۈكنى بىلدۈرىدۇ.
1 - 455