Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېڭىز شىرى پىلانى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تۈزگەن ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىش پىلانى. 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى فرانسىيە تەسلىم بولغان. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گىتلېر <دېڭىز شىرى ئۇرۇشى پىلانى> توغرىسىدا 16-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى جاكارلاپ، ئەنگلىيىگە قارىتا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنى قوزغاشنى قارار قىلغان. بۇ بۇيرۇقتا 25 - 40 دىۋىزىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئەنگلىيىدىكى رومىسگىتتىن سىگىت ئارىلىنىڭ غەربىگىچە بولغان كەڭ سەپتە بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھۇجۇم قىلىش، 8-ئايدا تەييارلىق قىلىپ بولۇش پىلانلانغان. گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار باش ئەمەلدارى بۇيرۇق بويىچە كونكرېت ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. گېرمانىيىدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېتەرلىك دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى كۈچى كەم بولغانلىقتىن، دېڭىز شىرى پىلانى قايتا - قايتا كېچىكتۈرۈلگەن ۋە ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان.