Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېڭىز قاتنىشى نىزامى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جاكارلىغان دېڭىز قاتناش ئىشلىرى ۋە تاشقى سودىنى مۇكاپاتلاش يولىدىكى بىرقاتار ئەمر - پەرمانلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئەڭ ئاۋۋالقى پەرماننى چارلېس ئىككى 1381- يىلى جاكارلىغان، كېيىن بىر نەچچە قېتىم بىكار قىلىنىپ، بىر نەچچە قېتىم قايتا تۈزۈلگەن. 1651-يىلى 10-ئايدا ۋەھشىي پارلامېنت جاكارلىغان پەرماندا: ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئەنگلىيە پارخوتلىرىنىڭ ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت پاراخوتلىرىنىڭ توشۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ توشۇشىغىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدا گوللاندىيىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ۋاسىتىلىك رولىنى چەتكە قېقىش مەقسەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن 1652-يىلىدىكى بىرىنچى قېىتملىق ئەنگلىيە - گوللاندىيە ئۇرۇشى كېلىپ چىققان. گوللاندىيە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، بۇ نىزامنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن1660, 1663F 1915, 1672 1692-يىل پەرمانلىرىنى جاكارلاپ، مۇستەملىكىلەردىكى سودىنى مونوپول قىلىپ، مۇستەملىكىلەرنىڭ سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلىگەن. 1665-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - گوللاندىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ئەنگلىيە يېڭىلگەندىن كېيىن، نىزام سەل كەڭرەك بولغان. 1849-يىلى، ئەركىن سودا سىياسىتى يولغا قويۇلۇش ئارقىسىدا، بۇ نىزام بىكار قىلىنغان. بۇ سودا ھىرىسلىقى سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، ئەنگلىيىدە كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.