Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېڭىز قەلەندەرلىرى
دۇنيا تارىخى
<قەلەندەر> دېگەن سۆز فرانسۇزچە gueux دىن كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىردىكى نېدىرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى <دېڭىز پارتىزانلىرى> نىڭ لەقىمى. ئۇ ئاساسەن ماتروسلار، بېلىقچىلار، پرىستان ئىشچىلىرى ۋە چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان گالۋىنچى ئاقسۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇلار دائىم كىچىك كېمىلەرنى ھەيدەپ كېلىپ ئىسپانىيە پاراخوتلىرى ۋە ترانسپورت كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسپانىيە بىلەن نېدىرلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتناش لىنىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ نېدىرلاندىيە دېڭىز بويىدىكى تايانچ پونكىتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 1572-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر قىسىم دېڭىز قەلەندەرلىرى سېللاند ئارىلىدىكى بريېللې شەھىرىنى ئىشغال قىلغان، بۇ ھال نېدىرلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ قوزغىلاڭنىڭ سىگنالى بولۇپ قالغان.