Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېئۇس راموس
دۇنيا تارىخى
(1830 - 1896) پورتۇگالىيىلىك شائىر. 1859-يىلى كوئىمبرا داشۆسى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات ۋە ژۇرنال ۋە ژۇرنال مۇھەررىرى بولغان. پورتۇگالىيىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك تۈزگەن. ئوقۇغۇچى دەۋرىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 1868-يىلى ئۇ <ياۋا گۈل> ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەدىمكى شېئىرلارنىڭ لىرىكىلىق ئەنئەنىسى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن، تەربىئىي، ئاددىي بولۇپ، مۇزىكا خاراكتېرىنى ئالغان. ⅩⅩئەسىرنىڭ بېشىدا پورتۇگالىيىدە ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. <پارچە يوپۇرماق>، <گۈللۈك دالا> قاتارلىق ئاساسىي ئەسەرلىرى بار.