Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېبورىن
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1963) سوۋېت ئىتتىپاقلىق پەيلاسوپ. ئۇششاق شەھەر ئاھالىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. شۋېتسارىيە بېرن داشۆ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1903-يىلى پولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907-يىلى مېنشېۋىكلار تەرەپكە ئۆتكەن. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە پەن تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. جەڭگىۋار ماتېرىيالىزمچىلار جەمئىيىتى ۋە گېگېل دىئالېكتىكا دوستلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1929 - يىلى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. <ماكسىزم تۇغى ئاستىدا> ژۇرنىلىغا باش تەھرىر (1926 - 1930) بولغان. پەلسەپىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلىرىدە ئىدېئالىزملىق مەيدانىدا تۇرۇپ، مېتافىزىكىلىق تاشقى سەۋەب نەزەرىيىسى ۋە مېخانىزملىق نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىقتىن 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ب) مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پەلسەپە ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان. <ⅩⅤⅡ - ⅩⅤⅢ ئەسىردىكى ماتېرىيالىزم تارىخىي پروگراممىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.