Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېبىس
دۇنيا تارىخى
1855 - 1926( ئامېرىكىلىق سوتسىيالىست ۋە سول قانات ئەمگەكچىلەرنىڭ رەھبىرى. ياش ۋاقتىدا تۆمۈريول ئىشچىسى بولغان. 1875-يىلى <پاراۋوز كوچىگارلىرى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى> غا قاتناشقان ۋە شۆبە ئۇيۇشما سېكرىتارى بولغان. 1880-يىلى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان، قوشۇمچە مالىيەنى باشقۇرغان، <كوچىگارلار ژۇرنىلى> نىڭ تەھرىرى بولغان. سانائەت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىچىلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1893-يىلى ئامېرىكا تۆمۈريول ئىشىچلىرى ئۇيۇشمىسىنى تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى پۇرمەن پاراۋوزۋاگون زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1898-يىلى ئامېرىكا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1901-يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. باشتىن - ئاخىر زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىپ، سوتىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە بەش قېتىم قاتناشقان. 1918-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، سوۋېت روسىيىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقاندىمۇ 1920-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئىگە بولغان. 1921-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ھايات ۋاقتىدا كوممۇنىزمچى بولالمىغان. <فېدېراتىپچىلىق ۋە سوتسىيالىزم> دېگەن ئەسىرى بار.