Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىئوگېنېس
دۇنيا تارىخى
دىئوگېنېسو(سىنوپېئۇسلۇق، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 404-323). يۇناننىڭ كۇنىكوي ئېقىمىدىكى پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى سىنوپىدا(قارا دېڭىز جەنۇبىي قىرغىقىغاجايلاشقان)تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىسېتاس بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق ئاشكارلىنىپ قېلىش تۈپەيلىدىن زىندانغا تاشلانغان. بۇئىش دىئوگېنېسنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئافىناغا كېتىشى ۋە كۇنىكوي ئېقىمىنىڭ ئىجادچىسى ئانتىستېنې بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى ئۇستاز تۇتۇشىغا تۈرتكە بولغان،ئۇ ئۇستازىنىڭ راھەت كۆرىشتىن بىزار بولۇپ،<تەبىئەتكەقايتىش>ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ كىشىلىك دۇنياسى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، مەيلى ئۇلارغا قانداق تامغا بېسىلغان بولسۇن، پەقەت ساختا قىياپەتتىنلا ئىبارەت، دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىگە ئەرزىمەيدۇ، دەيدىغان ئىنكارچىلىقنى تەرغىپ قىلغان، ئۇئۆز پەلسەپىسىنى ئويناشقاندەك ئىش قىلىش، شاللاقلىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەمدە كۆپىنچە باشقىلارنى ھەممىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان چېچەنلىكى ۋە ھەممىنى مەنسىتمەيدىغان قىزىقچىلىقى بىلەن تەسىرلەندۈرگەن، جۆلدۈر كىيىنىپ، ناچار ئوزۇقلىنىپ، كوچىلاردا ياكى پىشايۋان ئاستىدا تۈنىگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چوڭ ئىدىشلارنى ماكان قىلغان. ئۇنىڭ ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىدىن پروتاك، دىئوگېنېس(لارتىيوسلۇق)قاتارلىقلار رەتلەپ چىققان بولۇپ،ئەڭ داڭلىقى ئۇ كېلىنىستا تۇرغان چاغدا(ئىمپېراتور)ئالىكساندىر بىلەن ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايىدىن ئىبارەت؛ ئالىكساندىر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ<مەن پادىشاھ ئالېكساندىر بولىمەن>دەپتۇ دىئوگېنېس<مەن كونېكوس دىئوگېنېس>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالېكساندىر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بۇ پەيلاسوپقا تېگىدىغانتەگمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، دىئوگېنېس پىسەنت قىلمىغان ھالدا<سەن مېنىڭ قۇياشىمنى توسۇۋالما>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالېكساندىر ئاخىر خىلى قايىل بولغان ھالدا<مەن ئەگەر ئالېكساندىر بولمىغان بولسام، دىئوگېنېس بولۇشنى خالايتتىم>دەپتۇ، بۇ ھىكايىنى ھەقىقىي تارىخ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرزگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ<كونىكوي>نىڭ ئىدىيىۋى خسلىتىنى ئازدۇركۆپتۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەرھالدا پاسسىپ بولسىمۇ،ھېچقانداق ئاكتىپ ئىجتىمائىي غايىنى ئوتتۇرغا قويمىغان بولسىمۇ ئەمما شەھەر كىرزىسى يۇنان جەمئىيىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە مەلۇم قارشىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. كېلىنىستا ئۆلگەن (2)دىئوگېنېس (لارتىئوسلۇق، مىلادى، ئەسىردە)قەدىمكى يۇنان پەلسەپە تارىخچىسى. كىچىك ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سىلسىيىدە تۇغۇلغان. ئون توملۇق<پەيلاسوپلارنىڭ تەرجىمھالى>دىگەن ئەسىرى بار ئېيتىشلارغا قارىغاندا قايسىبىر خانىمنىڭ پەلسەپىنى ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن يېزىلغانمىش. بۇ ئەسەردە ئاساسەن ئاتاقلىق يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ رەسمىي تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ئىشلىرى ۋە نۇقتىنەزەرلىرى بايان قىلىنغان. بىرىنچى تومىدىن يەتتىنچى تومىغىچە ئاناكىسماندروستىن تارتىپ تېئوفراستوسقىچە بولغان ئىئونىك پەيلاسوپلىرى، جۈملىدىن سۇكرات ئېقىمدىكىلەرمۇ خاتىرلەنگەن. سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى تومىدا پىيتاگوراس باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش ئىتالىيەپەيلاسوپلىرى، جۈملىدىن ئېليا ئېقىمىدىكىلەر، ھېراكلېت ئېقىمىدىكىلەر ۋە گۇمانلانغۇچىلار خاتىرلەنگەن، ئونىنچى تومىدا ئېپىكورۇس ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسى بايان قىلىنغان؛ كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، دىئوگېنىېسنىڭ ئۆزىمۇ ئېپىكورۇس ئېقىمىنىڭ مۇخلىس ئىكەن. < پەيلاسوپلارنىڭ تەرجىمھالى>نىڭ ماتېرىيال توپلىشى ۋە رەتكە تىزىشىدا بەزى قالايمىقانچىلىقلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا دانىشمەنلەرنىڭ بۇرۇنلا يوقىلىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئىش ئىزلىرى، بولۇپمۇ نۇرغۇن قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەدىمكى زامان پەلسەپە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممەتلىك.