Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىبال ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھىدىستاندىكى سىندنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىراق ۋالىسى ھەججاج 712 - يىلى ئەرەب كېمىلىرىنىڭ سىند قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلانغانلىقىنى ئاساس قىلىپ، جىيەنى مۇھەممەد بىننى قاسىمنى دىبال (ھازىر پاكىستاندىكى كاراچىنىڭ يېنىدا) غا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئەرەب قوشۇنى بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سىندنىڭ ھەممە يېرىنى ئىشغال قىلىپ، پەنجاپتىكى ئوش ۋە مولدانغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەد بىننى قاسىم سىنددا ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ھەر خىل تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا تۇنجى زېمىنگە ئىگە بولدى. سىند ۋە تۆۋەن پەنجاپ ئىسلام دىنى تەۋەلىكىگە ئۆتتى.