Uyghurئاساسىي لۇغەت
دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى
دائىرە: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىماتېرىيالىستىك ئىجادىيەت ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى <را پ پ> چىلارنىڭ ئىجادىيەتتە ئوتتۇرىغا قويغان خاتا شوئارى. <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزىمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەن بۇ ئاتالغۇ، ئەڭ ئاۋۋال 1929 - يىلى <را پ پ> چىلارنىڭ ئوبزور ژۇرنىلى <ئەدەبىيات پوستىدا> ئېلان قىلىنغان <پىلىخانوۋ ئەنئەنىلىرى ئۈچۈن كۈرىشەيلى> ناملىق تەھرىر بۆلۈم ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ شۇئارچە بولغاندا يېڭى ئۇسلۇپ <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە يېڭى ئۇسلۇب بولۇشى لازىم>، <ئىجادىيەت بىلەن بۇ يېڭى ئۇسلۇب ئەڭ مۇۋاپىقلاشقان ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولىدۇ>. شۇ يىلى <راپ پ> نەشر قىلغان ماقالىلەر توپلىمى <پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت يولى> نىڭ <ئاخىرقى سۆز> ىدە مۇنداق يېزىلغان؛ <بىز ھازىر ئىلمىي ئېقىم قۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىمىزگە ئىجادىيەتتە ئۈزۈل - كېسىل دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئۇسۇل يارىتىش ۋەزىپىسىنى قويماقتىمىز>.
بۇ شوئارنىڭ خاتالىقى شۇ يەردىكى: پەلسەپىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئۇسۇلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سەنئەتنىڭ تۇرمۇشنى بىلىش ۋە تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى بىكېرەك قىلىدۇ. (دۇنيا قاراشنى تەكىتلەش خاتا بولمىسىمۇ) دۇنيا قاراش بىلەن ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. خۇددى <راپ پ> نىڭ باش سېكرېتارى ئاۋېرباخنىڭ ئېيقىنىدەك: <ئۇسۇل، ئەمەلىيەتتىكى دۇنيا قاراشتۇر> دەپ قاراپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇۋېرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ بىردىنبىر مەنبەئىيىدەك بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەتكە سەل قاراپ، يازغۇچىلار ماركىسىزملىق پەلسەپىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىنلا، ئاندىن دىئالېكتىكلىق <فورمۇلا> لارغا ئاساسلىنىپ بەدىئىي جەھەتتە چوڭايتىش (ئىجادىيەت) ئېلىپ بارالايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ، ئەلۋەتتە.
<دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى> نى پرولېتارىيات ئەدەبىياتىدىكى <ئەڭ ئىلغار، باشلامچى> ئۇسۇل دېيىش ۋە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرىلا بۇ ئۇسۇلنى ئىگەللىيەلەيدۇ، دەپ قاراش، <راپ پ> چىلارنىڭ باشقا يازغۇچىلارنى، بولۇپمۇ بەدىئىي كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان سوۋېت يازغۇچىلىىرنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشنىڭ <نەزەرىيىۋى> ئاساسىي بولغانىدى.
شۇنداقتىمۇ، ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا <راپ پ> چىلارنىڭ <ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ئەھمىيىتى بولدى. <ئىجادىيەت ئۇسۇلى> دېگەب بۇ يېڭى، ياش ئېستېتىك ئۇقۇم بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتى كەڭ قوللىنىلماقتا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.