Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇڭسى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭچىڭ رايونىدىكى دۇڭسىنەن كوچىسىدا. بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسچىت يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان، يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، مىڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭتۇڭ 12 - يىلى (1447) سېلىنغان. ھىماتچى تۇتۇق مەھكىمىسنىڭ ياردەمچىسى چېن يۈي سالدۇرغان. دەسلەپ «ئىبادەتخانا» دەپ ئاتالغان. 1450 - يىلى «مەسچىت» دەپ ئۆزگەرتىلگەن، بېيجىڭدىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئالتە مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالدى ھويلا، ئوتتۇرا ھويلا، ئارقا ھويلىغا ئايرىلغان. ئوردا شەكلىدە ياسالغان دەرۋازا ۋە يېقىنقى زامان ئۇسلۇبىدىكى ئالدىنقى ھويلا، ئوتتۇرا ھويلا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، مىنگونىڭ باشلىرى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان. 3 - ھويلا ناھايىتى چوڭ ۋە ئازادە بولۇپ، نامازخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى ئانىدە ئورنىتىلغان. ئىككى ئابىدىنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ ئالتە بۇرجەكلىك «ئىسرىقدان سۇپىسى» سېلىنغان. سۇپىغا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسرىقدان قويۇلغان. نامازخانا ئوتتۇرا ھويلىدا بولۇپ، ئاجايىپ كۆركەم، نامازخانىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى قىسمى ياغاچتىن، ئارقا قىسمى خىشتىن ئىشلەنگەن. 20 تۈۋرۈك نىلۇپەر گۈللۈك ناقىش بىلەن بېزەلگەن. ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تال لىمغا ۋە مېھراب ئالدىدىكى تاختايغا سۈرىلەر كۇفە نۇسخىسىدا ئويۇلغان. تورۇسنىڭ ئوتتۇرىسى جۇڭگونىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن بېزەلگەن. جەنۇبىي شىمال تەرەپتە دەرسخانا، سەراپ، كىتابخانا سېلىنغان. كىتابخانىدا 1318 - يىلى كۆچۈرۈلگەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى، 1573 يىلىدىن 1620 - يىلىغىچە ئويۇلغان «مۇسۇلمان ئەۋلىيالار ئابىدىسى»، ئەرەبچە يېزىلغان كەلىمە تەييىبەنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماگېنتلىق ئابىدىسى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ئاسار ئەتىقىلەر ساقلانغان. مىنگو دەۋرىدە بۇ مەسچىتتە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا مەكتىپى، چېڭدا سىفەن مەكتىپى، فۇدې كىتابخانىسى، بېيپىڭ ئىسلام مەدرىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. بۇ مەسچىت 1952 - يىلىدىن 1974 يىلىغىچە ئىككى قېتىم چوڭ رېمونت قىلىندى. ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام مەدرىسى مۇشۇ مەسچىتتە.