Uyghurئاساسىي لۇغەت
دۇكلوس
دۇنيا تارىخى
(1896 - 1975) فرانسىيە كومپارتىيىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياغاچقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە كەمپۇت ۋە مېتال بۇيۇملىرى ئىشچىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، يارىدار بولۇپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن. 1920-يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1926-يىلى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، 1931-يىلى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى ۋە سېكرىتارىياتنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1935-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1926-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى، 1936-يىلدىن باشلاپ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1944 - 1945 - يىللىرى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 1945 - 1946 - يىللىرى مىللىي پارلامېنت ئەزاسى، 1959 - يىلىدىن باشلاپ ئالىي پالاتا بولغان. 1969 - يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسى نامزاتى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ <ئەسلىمىلەر> ناملىق ئەسىرى بار.